باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنئەت ئىمتىھانىدا جاۋابنى قانۇنسىز تەمىنلىگەنلىكتىن، شەنشىدە يەتتە كىشى جازالاندى ھەمدە جەرىمانە قويۇلدى

2016.10.18 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك سەنئەت ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانىدا، يانفوندىكى ئۈندىدار ئارقىلىق، ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان سوئالىنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىپ، ئىمتىھان سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ خادىملىرىغا يوللاپ بەرگەن، مەيدان سىرتىدىكى خادىملار سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، ئىمتىھان ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا يوللاپ بەرگەن، ھەمدە تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ھەرقايسى تارماق مەكتەپلىرىنىڭ ئۈندىدار توپلىرىدا ئېلان قىلغان... ئالدىنقى كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى چاڭئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ماۋ ۋېن قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ ئىمتىھان سوئالى، جاۋابىنى قانۇنسىز تەمىنلەش دېلوسىغا قارىتا بىرىنچى سوت ئېچىپ، ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ ھەم «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز)» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىئەن شەھىرىدە قاراپ چىقىپ ھۆكۈم چىقىرىلغان سوئال، جاۋابلارنى قانۇنسىز تەمىنلەش جەھەتتىكى بىرىنچى قېتىملىق دېلو بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھان سوئاللىرى، جاۋابلىرىنى قانۇنسىز سېتىش، تەمىنلەش جىنايىتى «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز)»دا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان جىنايەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە جەمئىيەتتىكى سەمىمىيەتسىزلىك ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ئىناۋەتكە خىلاپ قىلمىشلار كۆپلەپ يۈز بېرىپ، جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان سېلىشتەك ئەھۋاللارغا قارىتا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھەرىكەت قىممەت يۆنىلىشىگە بولغان يېتەكلەش رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ھەرخىل ئىمتىھانلاردىكى كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، 2015- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16- قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىلتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز)» ماقۇللاندى، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا تەشكىللەشتەك بۇ سەمىمىيەتكە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش ئۈچۈن، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، ئىمتىھان سوئاللىرىنى، جاۋابلىرىنى قانۇنسىز سېتىش، تەمىنلەش جىنايىتى، ئورنىغا ئىمتىھان بېرىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەت تۈرلىرى كۆپەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر