خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 17- ئۆكتەبىر، گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى لۇدۋىگشافىن شەھىرىدە تارتىلغان خېمىيە-سانائەت زاۋۇتىدىكى پارتلاشتىن كېيىنكى ئوتلار. شۇ كۈنى، گېرمانىيەنىڭ خېمىيە-سانائەت ماگناتى باسىف گوروھىنىڭ لۇدۋىگشافىن شەھىرىدىكى بىر خېمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى. شۇ يەر ۋاقتى 17- ئۆكتەبىر 19دىن 15 مىنۇت ئۆتكىچە، باسىف ىېمىيە-سانائەت زاۋۇتىدىكى پارتلاشتا پەيدا بولغان ئوت ئۆچمىدى، پارتلاشتا ئىككى كىشى قازا قىلدى، ئىككى كىشى يوقاپ كەتتى، ئالتە كىشى ئېغىر يارىلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى