باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن بېيجىڭدا قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى كۆردى

2016.10.17 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى «ئەرش ئوردىسى»غا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى. «ئەرش ئوردىسى-2» بىلەن كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 17- ئۆكتەبىر سائەت 7:49دە، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا كىرىپ، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقتى. ھىندىستاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شۇئان تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن بېيجىڭدا ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئەھۋالىنى كۆردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، تەتقىقات، سىناققا قاتناشقان بارلىق خادىملار ۋە ئۇچقۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەرش ئوردىسى-2» بىلەن «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى، ئېلىمىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربېتىدا تۇرۇشىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ئىلىم-پەن ئالدىنقى ساھەسى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات يۆنىلىشى گەۋدىلەنگەن بىر تۈركۈم بوشلۇق ئىلىمى ۋە ئەمەلىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندايدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر