باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باغداتتىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 32گە يەتتى

2016.10.17 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ بايان قىلىشىچە، پايتەخت باغداتتا 15- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 32 كىشى قازا قىلىپ، 60 كىشى يارىلانغان.

  ئسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچىنىڭ دېيىشىچە، پارتلاش باغدادنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى شىھەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى ئامما دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلغۇچى بىرەيلەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلىتىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىغا زامىن بولغان.

  ئۇ ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلىتىش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى پارتلاش يۈز بەرگەن شۇ رايوننى قامال قىلغان، يارىدارلارمۇ تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان، بىراق قىسمەن ئاممىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن يەنىلا قازا قىلغان.

  نۆۋەتتە ھىچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىمىغان. ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ قېتىم ئىراقتا شىھە مەزھىپىدىكى ئاممىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەزھەپلەر توقۇنۇشى قوزغىماقچى بولغان ئىدى.

  ب د ت ئىراققا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ سىتاتېستىكىسىغا قارىغاندا، 2016- يىلى 9- ئايدا ئىراقتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 1003 كىشى قازا قىلغان، 1159 كىشى يارىلانغان، بىراق ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاددىي پۇقرالار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر