خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ئۆكتەبىر، «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئاتلىنىش مۇراسىمى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن جىڭ خەيپېڭ بىلەن چېن دۇڭ بار.
سۈرەتتە: ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ بىلەن چېن دۇڭ ۋەزىپىگە ئاتلىنىش ئالدىدا، قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى