باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدىي ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى يەمەندىكى دەپنە مۇراسىمىنى خاتا بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

2016.10.17 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدىي ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى 15- ئۆكتەبىر، بىرلەشمە ئارمىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ يەمەندە بىر قېتىملىق دەپنە مۇراسىمىنى خاتا بومباردىمان قىلىپ، 140تىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا زامىن بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دەپنە مۇراسىمىنى بومباردىمان قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەنگەن كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شۇ كۈنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ يەمەندە ئۇرۇش قىلغۇچى ھاۋا ئارمىيەسى يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تەمىنلىگەن خاتا ئاخباراتقا ئېرىشكەن، ھەمدە بىرلەشمە ئارمىيە باش شىتابىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەيلا بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن.

  مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە مەسئۇل كىشىلەرگە قارىتا مۇناسىپ جازا قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  10- ئاينىڭ 8- كۈنى، كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى مۇناسىۋەتلىك خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ يەمەن پايتەختى سانادىكى بىر جايدا يىغىلغانلىق ھەققىدىكى ئاخباراتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، خۇسەينىڭ بىر ئالىي قوماندانىنىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمى بولىۋاتقان مەيدانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 140تىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا، 500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا زامىن بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر