باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى

ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى

2016.10.17 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا 15 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن داغدوغىلىق يىغىن ئېچىلىپ، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كونا – يېڭى مەكتەپداشلار جەم بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

  تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تارىخى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىنقى گەۋدىسى يېڭى جۇڭگونىڭ «1 – بەش يىللىق» پىلانىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىپ قۇرغان 156 نۇقتىلىق تۈرنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى بولۇپ، 1956- يىلى قۇرۇلغان ھەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، 1998 – يىلى شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى ئىنستىتۇتى بىلەن قوشۇلۇپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ قۇرۇلغان ھەم بۇ يىل دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە قۇرۇدىغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ تەستىقلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئوقۇتۇش، تېببىي داۋالاش، پەن تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تېببىي ئالىي مەكتەپكە ئايلانغان.

  تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىلى، مەكتەپداشلار ۋەكىلى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن غانىيبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، مەنىن زەينىل، كادىرقان مىراسقان، لۇ شياۋفېڭ، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتى، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھەمكارلىشىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى، يىپەك يولى خەلقئارا تېببىي ئىشلار مەركىزى (ئىتتىپاقى) تېببىي ئىنستىتۇت ۋە مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك مائارىپ، تېبابەت ساھەسىدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە مېھمانلار ھەم 3000 غا يېقىن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر