خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ئۆكتەبىر، نيۇ يوركقا جايلاشقان ب د ت باش ئىشتابىدا، ئانتونىيو گوتېرىس (ئالدىدىكى كىشى) كېيىنكى نۆۋەتلىك ب د ت نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.
71- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا 13- ئۆكتەبىر ئالقىشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قارار ماقۇللاندى، پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى، ب د ت نىڭ سابىق مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ئانتونىيو گوتېرىس كېيىنكى نۆۋەتلىك ب د ت نىڭ باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي تەيىنلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى