باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش قۇرۇلۇشى»غا 180 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلدى

2016.10.17 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2016 – يىللىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش قۇرۇلۇشى»غا 180 مىليون 830 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى جىددىي ئاجرىتىلغان بولۇپ، ياردەم مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، نامرات رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇلىدىكەن.

  2016–يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىسى يېزا-بازار شىپاخانىلىرى ياكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە سالامەتلىك تەكشۈرتسە بولىدىكەن. سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەزمۇنىدا دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تارقاتقان «دۆلەت ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قائىدىسى (2016 – يىللىق)» بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. جايلار ئۆز جايىنىڭ كېسەللىك ئىسپېكتىرى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى دائىرىسىدە جىگەر ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز، ئاياللار كېسەللىكلىرى، قاپلىق قۇرت كېسىلى قاتارلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قوشسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر