خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو تۇرپان ئايدىڭكۆلىنى ئايلىنىش (خەلقئارا) موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى 15- ئۆكتەبىر تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى ئاڭدىڭكۆل بويىدا باشلاندى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، مەيدان توسالغۇ مۇسابىقىسى ۋە دالا مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈر تەسىس قىلىنغان. دالا راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇسابىقە مۇساپىسى 3000 كىلومېتىرغا يېقىن، توسالغۇ مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇسابىقە مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بەش مۇسابىقە بۆلىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسى ۋە قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىغا بېكىتىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى