باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

PPI تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «مەنفى ساندىن مۇسبەت سانغا ئايلىنىپ»

مال باھا سانلىق مەلۇماتىدا ئاچقۇچلۇق ئاكتىپ ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى

2016.10.17 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2016- يىلى 9-ئايلىق مەملىكەت بويىچە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI)نى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئايدا، ئېلىمىز CPI سىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.7 ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئاشقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، PPIنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.5 ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئېشىپ، تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «مەنفى ساندىن مۇسبەت سانغا» ئايلانغان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى يۈ چيۇمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىسمەن رايونلارنىڭ كۆكتاتلارنى ئالماشتۇرۇپ تېرىش مەزگىلىدە تۇرۇش، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ناچار ھاۋارايى تەسىرىگە ئۇچراش، قىسمەن مېۋە-چېۋىلەرنىڭ بازاردىن تەدرىجىي چېكىنىشى قاتارلىق ئامىللار بىرلىشىپ يېڭى كۆكتاتلار ۋە يېڭى مېۋىلەرنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، CPI نىڭ 0.33 پىرسەنت پوئىنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. يېمەكلىكتىن باشقا ساھەلەردە، دۆلەت ئىچى ماي باھاسىنىڭ تەڭشىلىشى، قىسمەن رايونلارنىڭ يەسلى ۋە پۇقراۋى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرۈشى، كىيىم-كېچەك پەسلىنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بېنزىن، دىزېلىن، مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە كىتىم-كېچەك باھاسىمۇ بىرلىشىپ CPI نىڭ 0.25 پىرسەنت پوئىنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى. كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى نەچچە ئايدا زىيادە ئامىللارنىڭ سەل ئۆرلىشى CPI نىڭ ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىراق ئۆرلەش دەرىجىسى نىسبەتەن چەكلىك بولۇپ، پۈتۈن يىللىق CPI نىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر