باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

2016.10.17 14:31   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8- قېتىملىق ئۇچرىشىشى 16- ئۆكتەبىر ھىندىستاننىڭ گوئا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتېن ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. بەش دۆلەت باشلىقلىرى « ئۈنۈملۈك، سىغدۇرۇشچان، ئورتاق بولغان ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلاشقان ئون يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا چوڭ مۇھىت ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى، كېسەل ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل دەل كېسەل ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. ئون يىللىق ھەمكارلىق بەدىلىگە ئون يىللىق مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، تەرەققىي قىلىپ مۇھىم تەسىرگە ئىگە خەلقئارا مېخانىزمغا ئايلىنىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلىگەن، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىگەن ئون يىل بولدى. بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالغان ئون يىل بولدى، بىز كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق رامكىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز نەتىجە ياراتتۇق. بۇ دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلغان ئون يىل بولدى. بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇتۇپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنى تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق. ئۆتكەن ئون يىل، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %50تىن ئاشتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى…
    ·«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە …
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خى…
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە يار…
    ·2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئ…