خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئۆكتەبىر، 2- ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىدا 2016-2017- مۇسابىقە پەسلى WCBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 1 - باسقۇچى باشلاندى، شىنجاڭ «ۋوجياڭ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا سەنشى لىيېيەن جۇيېچىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 84:94 نەتىجە بىلەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى