باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ «باڭلادىش قولتۇقى چەمبىرىكى كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىقى تەشەببۇسى»غا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2016.10.17 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ «باڭلادىش قولتۇقى چەمبىرىكى كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىقى تەشەببۇسى» غا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنى 16- ئۆكتەبىر ھىندىستاننىڭ گوئا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندسىتان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھەم سىرلانكا زۇڭتۇڭى سىدايسىئان، باڭلادىش زۇڭلىسى خاسىنا، بۇتان باش ۋەزىرى توبگاي، نېپال زۇڭلىسى پراچاندا، بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلەىھەتچىسى ئاڭسەن سۇكى ۋە تايلاند ۋەكىلى قاتارلىقلار بىرلىكتە سۆھبەتكە قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ‹باڭلادىش قولتۇقى چەنبىرىكى كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق تەشەببۇسى› غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇرسەتكە تولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» دېگەن بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرىلەشتى، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئورتاق كېڭەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە «باڭلادىش قولتۇقى چەمبىرىكى كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق تەشەببۇسى» غا ئەزا دۆلەتلەر ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چوڭ ئائىلىسىگە تەۋە، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، رايون خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش جەھەتتە ئورتاق غايىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە خەلققە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىش جەھەتتە ئورتاق ئېھتىياجى بار، «باڭلادىش قولتۇقى چەمبىرىكى كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق تەشەببۇسى»غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، ياخشى قوشنىلىرى، ياخشى ھەمراھى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، زىچ ھەمكارلىشىپ كەلدى. جۇڭگو خەلقى بىلەن باڭلادىش قولتۇقى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا مۇستەھكەملەندى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر