- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سامسۇڭ Note7نى ئىشلەپچىقىرىلىش توختىتىلدى
ئىككى پەسىلدە تەخمىنەن ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان بولۇشى مۇمكىن
2016.10.17 16:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتى 14- ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بىر باياناتتا، سامان يولى Note7 ئەقلىيفونىدا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى كۆرۈلگەنلىك سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ بۇ يىل تۆتىنچى پەسىلدىن كېلەر يىلى بىرىنچى پەسىلگىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
Note7نى يىغىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە، سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۈچىنچى پەسىلدىكى پايدا مۆلچەرلىرىنى تەڭشەش باياناتى ئېلان قىلىپ، شىركەت پايدىسىنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەردىكىدىن ئىككى مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەڭ يېڭى مۆلچەردىكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى قوشقاندا، Note7 ۋەقەسى بۇ شىركەتكە ئاز دېگەندە بەش مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
بىراق ئانالىزچىلار، گەرچە سامسۇڭ شىركىتى Note7نى يىغىۋېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش سەۋەبلىك كىرىم ۋە پايدىسى ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ شىركەتنىڭ مەبلەغلىرى يېتەرلىك، ھەم باشقا كەسپلىرىدىن كېلىدىغان پايدا ئارقىلىق، مەسىلەن كۆرسەتكۈچ تاختا ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېگەندەك ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئارقىلىق بۇ زىياننى تولدۇرۇۋالالايدۇ، دەپ قارىدى.
سامسۇڭ شىركىتى باياناتتا، مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۈپەت جەھەتتە ياخشىلاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق باياناتتا كونكرېت بولغان ياخشىلاش مەزمۇنلىرى ئېيتىلمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر