- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» بېيجىڭدا ئېچىلدى
2016.10.17 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ 3- قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچتى، يىغىن قاتناشچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئالماشتۇردى.
يىغىن قاتناشچىلىرى مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىشنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىدىيەنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول ھەم چوڭقۇر بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلمىي قانۇنىيىتى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى ئىخچام شەرھلىنىپ، ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، شۇنداقلا «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئىلمىي يول كۆرسەتكۈچى ۋە ئاساسىي قوللانمىسى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر