باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ھەممەيلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇشنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2016.10.17 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئىلغار تىپلارنى تىكلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنى ئورتاق تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ تۇنجى تۈركۈمدە مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا نامرات رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا، ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش سۇبيېكتلىرىنىڭ تەشكىللەپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشىگە، نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىشنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنى، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ھەرىكەتكە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىشتا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەممەيلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇشنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يېڭى غەلىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر