باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق ئورگان پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكەت لايىھەسىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى

2016.10.17 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نامراتلارنى يۆلەش كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، دۆلەت تەبئىي پەنلەر فوندى كومىتېتى، دۆلەت مۇداپىيە پەنلىرى قۇرۇلۇش ئىدارىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق يەتتە تارماق ئورگان 16- ئۆكتەبىر نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكەت لايىھەسىنى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەش ۋە نەتىجىلەرنى سودىلىشىش سۇپىسى» قوزغاتتى.

  10- ئاينىڭ 17- كۈنى «خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى». دۆلىتىمىزدە 2014- يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنىنى «نامراتلارنى يۆلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.

  مەزكۇر لايىھەگە ئاساسەن، شۇ يەتتە تارماق ئورگان پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرىدۇ، شۇنداقلا نامراتلارنى «دەل تاللاپ يۆلەش، ئاقىلانە يۆلەش، ئىگىلىك تىكلەپ يۆلەش، ماسلىشىپ يۆلەش»، ھەمدە نىشاننى نامرات رايونلارغا ۋە ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسلارغا توغرىلاش دېگەندەك بىر قاتار كونكرېت تەلەپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش، سۇپا قۇرۇلۇشى، مۇھىم ئامىللارنى ئۇلاش، نامراتلارنى ئىگىلىك تىكلەش يولى بىلەن يۆلەش، ئوقۇتۇپ تەربىيەلەش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، 2020- يىلغا بارغاندا، نامرات رايونلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەقققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر