باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ چىباۋ كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2016.10.18 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ئۆكتەبىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بىيۇروسى بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ يىغىنغا قاتناشتى، ھەمدە سۆز قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئۆزىگە ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ياخشى نامايان قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  ليۇ چىباۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، جۇڭگونىڭ خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، جۇڭگونىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مول ئەمەلىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقىنى تەشۋىق قىلىش، جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى تەشۋىق قىلىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر