خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەسى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەلىك ياشانغانلار ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە توغراقلىق يېزىسى لەڭگەر كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ كەنتكە يېشىل تورخانا قۇرۇپ بېرىپ، بۇ كەنتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسقاتىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا بىلىملىرى، قانۇن- نىزام، تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ، بەختىيار تۇرمۇش يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى .
سۈرەتتە: لەڭگەردىكى ياشلار خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، توردىن پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى