باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق تەكىتلىدى :

يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2016.10.18 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ئۆكتەبىردىن 17- ئۆكتەبىرگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ، خېنەن ئۆلكىسىدە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەندە، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا رايونلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى ئاجىز، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئاجىز بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغاچقا، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا رايونلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جېڭجۇ، شۈچاڭ، جۇكو ۋە جۇمادىيەن شەھىرىگە بېرىپ، يېزا رايونلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى.

  يوقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئەشيا ئوبوروت رايونى، ئاشلىق- ياغ شىركىتى، ئاشلىق ئامبىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈردى ھەم ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە باردى.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق قارىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇشقا ئەگىشىپ، شەھەر-يېزىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، يېزا قۇرۇلۇشى، يېزا تاشيولى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر كۈنسايىن گەۋدىلەنمەكتە. نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنى يېزا رايونلىرىدا ئىزچىل ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر