خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) 17-ئۆكتەبىر، مۇخبىر پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئاقتام يېزىسى باش توزاقچى كەنتىگە بارغاندا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ كەنت مەركىزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىلىنىۋاتقان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسى بۇ يىل ئەمىن ئوي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتا دېھقانلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە 50، 90 كىۋادرات مېتىر ۋە 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەمدە 4200 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەتىيازدىن بۇيان 5600 يۈرۈش ئەمىن ئوي قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاپ، ئۆيلەرنىڭ قورۇسىغا قوتان ۋە كۆكتات پارنىكى ياساپ پۈتكۈزگەن.
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەر يۈرۈش ئۆيىگە دۆلەت 28 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەرگەندىن باشقا، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئوي ئىگىسىگە ئۆسۈمىنى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالغان قەرز مەبلىغىدىن بىر يىللىقتىن ئۇچ يىللىققىچە مۇددەت بىلەن ھەر بىر يۈرۈش ئۆيگە 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە قەرز ھەل قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن 17 -ئۆكتەبىرگىچە ناھىيە بويىچە ئىش باشلانغان 5600 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ تام گەۋدىسى ۋە %80 ئەمىن قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملىنىپ، دېھقانلار يېڭى ئۆيلەرنى ئۇدۇللۇق بېزەپ، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان.
سۈرەتتە: قۇرۇلۇشچىلار ئاقتام يېزىسىنىڭ باش توزاقچى كەنتىدە، ئوي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىك ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى