باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

2016.10.18 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى) قەشقەر شەھىرى «لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشايلى» باش تېمىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى ئاساس، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى، نەمۇنىچىلار ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەشنى باشلامچى قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە كەڭ شەھەر ئاممىسى ئارىسىدا پىدائىيلار مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى.

  شەھەرگە قاراشلىق ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنت، مەھەللە، ھەر دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلار بىر گەۋدىلەشكەن «پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ چىقىپ، مۇلازىمەتنى قېلىپلاشتۇردى. مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت دەسلەپكى مۇلازىمەت شەكلىنى ھازىرقى ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىگىچە كېڭەيتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ بۇ خىزمەتنى ئېتىراپ قىلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى. جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇلازىمەت پائالىيىتىنىڭ يېڭىچە يوللىرىنى تېپىپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر