باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016- يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە 260 مىڭ ئادەمنى بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن 67 كىشى بار

2016.10.18 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىيەتنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نۆۋەتتە 2016- يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىچە خەۋەرلەندۈرىدۇ :

  2016- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 18 مىليون 590 مىڭ پارچە ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلىپ، 475 مىڭ پارچە قېتىم مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلدى، 760 مىڭ قېتىم سۆھبەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلدى، 290 مىڭ پارچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 260 مىڭ كىشى بىر تەرەپ قىلىندى (بۇنىڭ ئىچىدە 215 مىڭ كىشى پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى). بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن 67سى، نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 1800ى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 120 مىڭى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 40 مىڭى، ئادەتتىكى كادىردىن 51 مىڭى، يېزا، كارخانا قاتارلىق باشقا خادىملاردىن 155 مىڭى بىر تەرەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر