باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا بىلەن كۆرۈشتى

2016.10.17 15:21   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15 – ئۆكتەبىر ھىندىستاننىڭ گوئادا نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال تاغ – دەريالىرى تۇتاش يېقىن قوشنا دۆلەت. جۇڭگو نېپال بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نېپال بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – نېپال تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن نېپال يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە سىياسىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو نېپالنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلارنى رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلىرىگە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك كارخانىلىرىنى نېپالغا مەبلەغ سېلىپ، نېپالنىڭ ئىقتىساد ئالاھىدە رايونى ۋە سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ ھەم يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىك، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار، تاراتقۇ، جايلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جەنۇبىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قاتارلىق رامكا ئاساسىدا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

  پىراچاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ تارىخىي ئۇزاق، ئاساسىي مۇستەھكەم. نېپال جۇڭگونىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، پايدا يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دۆلەت سىياسىتىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ نېپالنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. نېپال جۇڭگونى ئىشەنچلىك تەرەققىيات ھەمراھى دەپ قارايدۇ. جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رامكىسى ئاساسىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. نېپال جۇڭگو بىلەن خەلقئارا، رايون تەشكىلاتلىرى ئىچىدە زىچ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى…
    ·«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە …
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خى…
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە يار…
    ·2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئ…