باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سىلوۋاكىيە زۇڭتۇڭىنىڭ دالاي بىلەن كۆرۈشۈشىگە قەتئىي قارشى تۇردى

2016.10.18 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىلى 17- ئۆكتەبىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنىڭ دائىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  سوئال: بەزى تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى كىسكا «شەخسىي سالاھىيىتى» بىلەن سلوۋاكىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان دالاي بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولغان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: سىلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى كىسكا 16- ئۆكتەبىر جۇڭگونىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي سولوۋاكىيەدە پىتىراپ يۈرگەن 14- ئەۋلاد دالاي بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، سلوۋاكىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەم مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

  14- ئەۋلاد دالاي ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىزاڭنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىش قەستىدە بولدى. جۇڭگو دالاينىڭ ھەرقانداق سالاھىيەت ۋە نامدا ھەرقانداق دۆلەتكە بېرىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، شۇنداقلا ھەرقانداق دۆلەت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇچرىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  سولوۋاكىيە زۇڭتۇڭى بۇ قېتىم ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خاتا مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، شۇنداقلا جۇڭگو-سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. جۇڭگو سىلوۋاكىيە دائىرىلىرىنىڭ دالاي گۇرۇھىنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش بۆلگۈنچىلىكىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ بۇ خاتا قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاسسىپ تەسىرنى تۈگىتىپ، جۇڭگو-سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر