باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2016.10.17 15:26   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15 – ئۆكتەبىر ھىندىستاننىڭ گوئادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئاساسلىق گۈللەنمە بازار دۆلىتى، ئىككى دۆلەت ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە رامكىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئۆتكەن ئايدا بىز 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك نەتىجىلەرنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىرەسمىي ئۇچرىشىشنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ، جۇڭگو رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلامدا ھەم ھەر قايسى ساھەلەردە زىچ ئالاقىنى ساقلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ، رۇسىيە – جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىمە رامكىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمراھى، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاۋىياتسىيە ياسىمىچىلىقى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، رۇسىيە ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداشقا قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى…
    ·«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە …
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خى…
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە يار…
    ·2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئ…