باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغاندا جىددىيلەشمەڭ

ج خ مىنىستىرلىقى ماۋۇ ئۈچ قەدەمنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ

2016.10.18 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامما تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغاندا، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالىدىغان ئامال بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئاممىنىڭ ج خ ئورگانلىرىغا دېلونى ۋاقتىدا ۋە توغرا مەلۇم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، خەلقنىڭ ئالدامچىلارغا پۇل تۆلەپ سېلىشىنى دەرھال توسۇپ قېلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى 17- ئۆكتەبىر تېلگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلولىرىنى مەلۇم قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئېلان قىلدى.

  ج خ مىنىستىرلىقى كەڭ ئاممىغا ئۇلار تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ماۋۇ ئۈچ قەدەمنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش لازىملىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتمە بەردى: يەنى، ئالدى بىلەن، ئالدامچىنىڭ ھېساب نومۇرى، ھېساباتتىكى ئىسىم-فامىلىسىنى توغرا خاتېرىلەش؛ ئىككىنچىسى، تېزدىن 110غا تېلېفون قىلىش ياكى يېقىن ئەتراپىتىكى ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، خەلق ساقچىلىرى خەلقنىڭ ئالدامچىلارغا پۇل تۆلەپ سېلىشىنى دەرھال توسۇپ قالالىشى ئۈچۈن، ئالدامچىنىڭ ھېسابات نومۇرى ۋە ھېساباتتىكى ئىسىم فامىلىسىنى تېزدىن ساقچىلارغا توغرا تەمىنلەپ بېرىش لازىم.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، گوۋۇيۈەننىڭ تېلېگراف-توردىكى قانۇنغا خىلاپ بولغان يېڭى تىپتىكى جىنايەت قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش خىزمىتىنىڭ مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنىدا، ج خ مىنىستىرلىقى خەلقنىڭ ئالدامچىلارغا پۇل تۆلەپ سېلىشىنى جىددى توسۇپ قېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە «ج خ ئورگانلىرىنىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنى پاش قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى» نامىدا ئېلان قىلغان ھۆججەتتە «پۇل تۆلەپ سېلىشنى جىددىي توسۇش» خىزمىتىنىڭ تەرتىپى ۋە تەلىپىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. نۆۋەتتە، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى ئورتاق قۇرۇپ چىققان «تېلېگراف-تور ئالدامچىلىق سودىسىدىكى خەتەرلىك ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش سۇپىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، پۇل تۆلەپ سېلىشنى توسۇپ قېلىش ۋە ئالدامچىنىڭ مالىيەسىنى توڭلىتىۋېتىش خىزمىتى ئۈچۈن شارائىت ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر