خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى) بىرلىشىپ سەييارە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىدە قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتى «تەڭرىتاغ» خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتى، ئازادلىق ئارمىيە 2-ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى «قىزىل كىرېست» ئەترىتى دوكتورلار ئۆمىكى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى لاپا كەنتى ۋە كومسومول باشقۇرۇش رايونىغا قاراشلىق تۆۋەنكى جام كەنتىدە ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ، ھەقسىز دورا تارقاتتى. پائالىيەتتە مەملىكەت بۇيىچە جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 مۇنەۋۋەر دوختۇرخانا باشلىقى، مەملىكەت بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ھايات لېي فىڭ، مەملىكەت بۇيىچە 10 مۇنەۋۋەر ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە 10 مۇنەۋۋەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇاڭ شىخۇا باشچىلىقىدىكى سەككىز نەپەر دوكتورلار ئۆمىكى بىرلىشىپ سەييارە كېسەل كۆرۈپ، 500 گە يېقىن ياشانغان كىشىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.
سۈرەتتە: جۇاڭ شىخۇا جام بازىرى لاپا كەنتىدە ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى