باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەينىڭ زادو ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرغا قەدەر ئۆلۈش- يارىلىنىش ۋە مال-مۆلۈك زىيىنى توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىدى

2016.10.18 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016- يىلى 17- ئۆكتەبىر سائەت 15دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ ئوبلاستىنىڭ زادو ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى توققۇز كىلومېتر بولۇپ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ زادو ناھىيەسى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى دىڭچىڭ ناھىيەسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تەۋرەش تەسىرى كۈچلۈك بولغان.

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى دەرھال 3-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، 11 كىشىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايۇنغا ئەۋەتتى، چىڭخەي ئۆلكىلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى ئەۋەتكەن نەق مەيدان خىزمەت ئەترىتى يەر تەۋرىگەن رايونىغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. چىڭخەي ئۆلكىلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يۈشۇ ئوبلاستى زادو ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش تەسىرى كۈچلۈك بولغان، ھازىرغا قەدەر ئۆلۈش- يارىلىنىش ۋە مال-مۆلۈك زىيىنى توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىگەن. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، چاڭدۇ شەھىرى دىڭچىڭ ناھىيەسى مۇتا يېزىسى، ناچۈ ۋىلايىتىنىڭ باچېن ناھىيەسى گۇڭرې يېزىسى قاتارلىق جايلارغا يېقىن ئەتراپتىكى يېزا–بازارلاردا تەرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان، دىڭچىڭ ناھىيەسى ۋە باچېن ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئازراق تەۋرەش سېزىمى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر