دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15 – ئۆكتەبىر ھىندىستاندىكى گوئادا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز جۇڭگو – ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ۋە ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئورتاق تونۇشلارنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۆمۈريول، كەسىپلەر رايونى قاتارلىق زور تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە، جايلار، ئاقىللار ئامبىرى، مەدەنىيەت، تاراتقۇ قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دوستلۇق ئەلرايى ئاساسىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ رايون ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جەنۇبىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىق ئىتتىپاقى، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىكى ئاكتىپ يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقىلارغا ئىشەنچ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق توغرىسىدا ئىجابىي ئۇچۇر تارقىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زور خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېلەر يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.
مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلىشى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەم مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورتاق مەنپەئەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھىندىستان جۇڭگو بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە رامكا ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، ھىندىستان جۇڭگونىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.