باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 120 – نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.10.17 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  120 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلار سودا يەرمەنكىسى 15 – ئۆكتەبىر گۇاڭجۇدا باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يەرمەنكىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى 60 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى يېڭى ۋەزىيەتتە ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشتىكى سۇپىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا تۇرۇپ پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى 60 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پائال پايدىلىنىپ، ‹‹كىرگۈزۈش›› بىلەن ‹‹چىقىرىش››نى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىش تەلىپى بويىچە، گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ خەلقئارالىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش، ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بازار ئېچىش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى كۈچەيتىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەتكە ئىگە يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى يىلدا ئىككى نۆۋەتكە بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى 1957 – يىلى ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە 60 يىل داۋاملاشتى، دۆلىتىمىز بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان مېھمان ۋە سودىگەرلەر ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى. 120 – نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى 15 – ئۆكتەبىردىن 4 – نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەرمەنكىگە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 24 مىڭ 500 كارخانا قاتنىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر