باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىن ئىككى كىشى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2016.10.18 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان 2016 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، جەمئىي 38 كىشى ئايرىم - ئايرىم ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى، تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى، تەقدىم قىلىش مۇكاپاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ۋاڭ شيۇجى، يۇنۇس نىياز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدىكى ۋاڭ شيۇجى، يۇنۇس نىياز شىنجاڭدىن بولۇپ، ۋاڭ شيۇجى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىخەنزە شەھىرى شىيىڭ بازىرىدىكى دېھقان، يۇنۇس نىياز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى سىركىپ كەنتىدىكى دېھقان.

  مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى ھەر يىلى بىر تۈركۈم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ھەر ساھەدىكى زاتلارنى باھالاپ چىقىپ، تەقدىرلەيدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى تەقدىرلەش يىغىندا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى «قول تۇتۇشۇپ ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، مەركەز كارخانىلىرى نامرات رايونلار كەسىپ سېلىنما فوندى تەسسىس قىلىش، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش ئىجتىمائىي تورى ئېچىشنى ئېلان قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، مەركەز كارخانىلىرى نامرات رايونلار كەسىپ سېلىنما فوندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەبلەغ كۆلىمى 10 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆلىمى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر