خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدا) ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ئاق سارايدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوباما 2016- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى، ئامېرىكا ۋە ئىتالىيەنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى