باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لىڭ جېڭسېنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوت ئېچىلدى

2016.10.19 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- ئۆكتەبىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لىڭ جېڭسېنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى. چاڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار لىڭ جېڭسې ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  چاڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: جاۋابكار لىڭ جېڭسې سەنشى ئۆلكىلىك تەرەققىيات -پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، سەنشى ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، سەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن ھەم ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى بىۋاسىتە ۋە باشقىلار ئارقىلىق، خۇڭدۇڭ خۇاچىڭ كۆمۈر-خىمىيە چەكلىك شىركىتىگە، دۇ شەنشۆ قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسكە تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، يەر ئىشلىتىشكە ئېرىشىش، كارخانا تىجارىتى، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ئورنىنى تەڭشەش دېگەندەك ئىشلار جەھەتتە ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى ئوغلى ئارقىلىق يۇقىرىقى ئورۇنلار ۋە خادىملار بەرگەن پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. ئۇ مال-مۈلۈكلەرنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، جەمئىي 160 مىليون 723 مىڭ 740 يۈەن بولىدۇ. لىڭ جېڭسېنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى ئۈچۈن جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قارار قىلىندى.

  سوت داۋامىدا، تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، ئۇ دەلىك-ئىسپاتلارنىلىڭ جېڭسې ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىغا كۆرسىتىپتۇرۇپ ئىسپاتلاپ مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاقلىغۇچىلارمۇ تولۇق پىكىر بايان قىلدى، لىڭ جېڭسې ئاخىرقى بايانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتتا جىنايىتىگە توۋا قىلدى.

  مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك ۋە شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 60تىن ئارتۇق ئادەم سوتقا سىرتتىن قاتناشتى .

  ئاخىرىدا، سوت مۇۋەققەتلىك توختىتىلىپ، ئايرىم ۋاقىتتا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر