خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18- ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ۋازكۇئېز بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىش ئۈچۈن، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ ئارىلىقى يىراق، دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 28 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىزچىل باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندى. ھازىر جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت يارىتىشىمىز كېرەك.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى