- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇنار سۇپىسىدىكى خاتا يول كۆرسىتىش تۈپەيلىدىن، ئايروپىلان سوقۇلۇپ كېتىشكە تاس قالدى
2016.10.19 14:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئۆكتەبىر خۇڭچياۋ ئايرودۇرۇمىدا شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئىككى ئايروپىلانى سوقۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغان ۋەقەنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش خۇلاسىسىدە، بۇنى، مۇنار سۇپىسىدىكى باشقۇرغۇچىنىڭ ئايروپىلان دىنامىكىلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، خىزمەت ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان بىر قېتىملىق ئېغىر ھادىسە ئالامىتى، دەپ قارالدى.
نۆۋەتتە، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى دەرھال تەرتىپكە سېلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئېنىق تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر