باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: پائال ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

2016.10.19 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى ئېچىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمال رايونى ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى، ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشكە ئائىت بىر قانچە مۇھىم تەدبىر توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم يوليورۇق بەردى. ئالاقىدار تەرەپلەر چوقۇم شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇمىيىتىگە، رايونلار ئارا ماس تەرەققىي قىلىش ئومۇمىيىتىگە، پۈتۈن خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، تەرەققىيات 1-مۇھىم ۋەزىپە دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشقا داۋاملىق تايىنىپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شەرقىي شىمالدا يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر