باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك

2016.10.19 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 18 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭىشىپ ئەقىل كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇرېھىم مەمەت ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  گۈلشەن تۇراخۇن، ئەخمەتجان ئاقنىياز، شى يۇڭچياڭ، سۈن شىنگاڭ، چېن يەن، چاقان قىزىر، جاڭ لىبىن، جاڭ لېي، شارىپقان ئەبدەلى، مۇتەللىپ قاتارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىزىركەلدى ئابدۇراخمان كۆپچىلىكنىڭ پىكرى، تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇردى.

  كۆپچىلىك سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تارتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، نۇرغۇن ئاكتىپ ئىزدىنىش ۋە پايدىلىق سىناقنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن تارتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلە ساقلانماقتا. كۆپچىلىك يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈش؛ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى تەسىس قىلىش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. ئىدىيە، ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، توغرا يېتەكچىلىكنى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يولىدا مۇقىم، تېز، ياخشى مېڭىش كېرەك. ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە ھەر قايسى تاراتقۇلار سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى بىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخبارات، جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئورتاق چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، گۈلشاد ئابدۇقادىر، كادىرقان مىراسقان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر