باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى تەيسېننىڭ قىزى ئوق تېگىپ قازا قىلدى

2016.10.18 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە رادىيو جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 16- ئۆكتەبىر، ئامېرىكىلىق قىسقا ئارىلىققا يۈگرۈش ماھىرى تەيسېن گاي (Tyson Gay)نىڭ 15 ياشلىق قىزى سۇينىتى (Trinity Gay) كېنتۇككى ئىشتاتىدىكى بىر مەيداندىكى ئېتىشىشتا غايىبتىن ئوق تېگىپ، قازا قىلغان .

  كېنتۇككى ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى: بىر مېھمانخانىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى ئىككى ئاپتوموبىل ئارىسىدىكى ئېتىشىشتا، سۇينىتىنىڭ بوينىغا ئوق تەگكەن. شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇينىتى ناھايىتى تېزلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي قازا قىلغان .

  تېيسېن گاي شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى. ئۇ تاراتقۇلارغا قىزىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىنى، قىزى تېخى ئالدىنقى ھەپتە بۇ يەردە كۈزلۈك تەتىلنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  گاي ئامېرىكىنىڭ 100 مېتىرلىق قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش رېكورتىنى ساقلىغۇچى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى 100 مېتىرلىق قىسقا ئارىلىققا ئەڭ تېز يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ئۇساييىن بولتتىن قالسىلا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلگەن رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر