- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلىگەن
2016.10.19 14:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش ئاپپاراتى (JASSO) يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015- يىلى 5- ئايدا ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 208 مىڭ 379غا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13 ئاشقان .
بۇنىڭدىن سىرت، 2011- يىلى 5- ئايدىن كېيىن، ياپون تىلى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىغا ھېسابلاپ كىرگۈزۈلگەنلىكتىن، بۇ قېتىمقى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 200 مىڭدىن ئاشقان.
لېكىن ئوقۇغۇچىلار مەنبەسىدىن تەھلىل قىلىنىشىچە، ياپونىيەدىكى ئاسىيا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 190 مىڭدىن ئاشقان. بۇلار ئىچىدە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 941 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، 2015- يىلى، ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل ئازايغان، لېكىن، بارلىق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى بويىچە يەنىلا %45.2نى ئىگىلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر