باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشى ئۆلكىلىك سابىق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بەي يۈنگە 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2016.10.20 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنشى ئۆلكىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بەي يۈننىڭ پار ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار بەي يۈننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى ھەم 2 مىليون يۈەنلىك شەخسىي مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. بەي يۈن پارا ئېلىش جەريانىدا ئېرىشكەن مال-مۈلكىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى .

  سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلارنى ئېنىقلىدى: 2004- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە، جاۋابكار بەي يۈن ئالدى-كەينى بولۇپ لۈلياڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، لۈلياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ياڭچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ياڭچۈەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ياڭچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش، ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل- مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 17 مىليون 810 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  نەنتۇڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار بەي يۈننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىدى. بەي يۈن سوتقا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرىش ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پار ئېلىش جىنايىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقىنى، جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىپ ھارام پۇل، ھارام مالنى تولۇق قايتۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇنغا ئاساسەن، ئەھۋالغا قاراپ قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قاراپ، سوتتا يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر