باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ‹‹جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ھەرىكىتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتى››ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2016.10.21 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 17 – ئۆكتەبىر ‹‹جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ھەرىكىتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتى›› دېگەن ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب نامراتلارنى ئازايتىش جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئالاھىدە توپنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نامراتلارنى ئازايتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرىش، دېگەن ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نامايەندىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 700 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېزىلاردىكى نامراتلار 2015 – يىلىدىكى 55 مىليون 750 مىڭغا ئازايدى، نامراتلىشىپ كېتىش نىسبىتى %5.7كە چۈشۈپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم قەدەم تاشلىنىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ب د ت نىڭ ‹‹2015 – يىللىق مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى دوكلاتى››دا، جۇڭگودىكى كۆك نامرات ئاھالىنىڭ نىسبىتى 1990 – يىلىدىكى %61تىن تۆۋەنلەپ، 2002 – يىلىدىكى %30تىن تۆۋەن بولدى. نامراتلىق نىسبىتىنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، 2014 – يىلى يەنە %4.2كە چۈشۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىغا قوشقان تۆھپىسى %70 تىن ئاشتى، دەپ كۆرسىتىلدى. جۇڭگو دۇنيا بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادا ب د ت نىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەڭ ئاۋۋال ئورۇندىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولدى. بۇ نەتىجىلەر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا پۈتۈلۈشكە ھەقلىق، شۇنداقلا دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاشقا تامامەن يېتەرلىك.

  ئاق تاشلىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە: جۇڭگو نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچەش بىلەن بىللە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە ئاكتىپ مەدەت ۋە ياردەم بەرگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىي 166 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا 400 مىليارد يۈەنگە يېقىن ياردەم بەرگەن، 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، يەتتە قېتىم قەرزى كۆپ دۆلەتلەر ۋە ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قەرەلى توشقان ھۆكۈمەت ئۆسۈمسىز قەرزىنى قايتۇرۇشىنى شەرتسىز كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، 69 دۆلەتكە تېببىي داۋالاش جەھەتتە ياردەم بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان 120 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر