باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشچى - دېھقانلار تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتلاش سەھنىسىگە چىقتى

2016.10.20 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ 19 - ئۆكتەبىر ئېچىلغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، پەن - تېخنىكا مۇكاپاتلاش يىغىنىدا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچ» دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «كۆپ ئىقتىدارلىق دان ئايرىش ماشىنىسىنى ياساش ۋە ئىشلىتىش»، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «يوڭچى» سۇ تېجەش ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ «كۆپ خىل يېڭى تىپتىكى تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىش» قاتارلىق ئىشچى - دېھقاننىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى نەتىجىسىدىن ئونى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ 1 -، 2 -، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن كەلگەن ئىشچى - دېھقانلارنىڭ بۇنداق مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىشى −− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش.ئۈستبېشى مايغا مىلەنگەن، پۇتلىرى لاي ئىشچى - دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشى −− 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا يېڭىدىن ئىشچى - دېھقانلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى باھالاش خىزمىتىنى كۆپەيتىشتىن بولدى، يەنى كارخانا، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامنىڭ دېھقانچىلىق ئورۇنلىرىدىكى ئىشچى - دېھقان پەن - تېخنىكا خادىملىرى باش بولۇپ تاماملىغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ 1 -، 2 -، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتى نامزاتىغا تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىشچى - دېھقانلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى ئىككى قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرى، ئىشچى - دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تېرىقچىلىق كەسپى، باقمىچىلىق كەسپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەر؛ يەنە بىرى، ئۈسكۈنە ھۈنەر - سەنئىتىنى يېڭىلاش، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ياساش ۋە ئىشلىتىش، يېڭى قورال - جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىش، مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كەسىپ بىخەتەرلىكى بىلەن ساغلاملىق، مۇھىت ئاسراش، شۇنداقلا باشقا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى.

  «ئىشچى - دېھقانلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى»دە ئالدىن تاماملىغان ئۈچ كىشى چوقۇم ئىشچى - دېھقان سالاھىيىتىنى ھازىرلىشى، پەن تەتقىقات نەتىجىسى ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بولۇشى كېرەك.«ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىدا ئىشچىلار، دېھقانلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى −− ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقانلارنى مۇكاپاتلاش نەتىجىسىنىڭ يېڭىچە ئەندىزىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا بۇ ئىشچى - دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى يېزا، شۇنداقلا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قوللىشىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ياڭ شياۋۋېي.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر