باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يېڭىچە ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ

2016.10.21 15:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017 – يىلىدىن باشلاپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا يېڭى ئىمتىھان پىروگراممىسى يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017 – يىلىدىن باشلاپ گۈزەل سەنئەت كەسپى بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تەڭشىلىدىكەن، يەنى سىدام سىزما، تېز سىزما پەنلىرىدە پېرسوناژنىڭ رەسىمى، رەڭ پېنىدە يازما تەسۋىر ئىزاھاتى بېرىلىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچى يازما ماتېرىيالدا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇننى سىزىپ چىقىدىكەن. گۈزەل سەنئەت تۈرى كەسپىنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى رەسىم سىزىش، شەكىل لايىھەلەش شۇنداقلا گۈزەل سەنئەت كەسىپ سىنىقى ئېلىش تەلىپى بولغان گۈزەل سەنئەت كەسىپلىرى ۋە لايىھەلەش تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تەتبىقلىنىدىكەن. مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغانلار مۇزىكا ئاساسىي نەزەرىيەسى، مۇزىكا ساۋاتلىرى، ناخشا، چالغۇ قاتارلىقلاردىن ئىمتىھان بېرىدىكەن. ئىمتىھان شەكلىدە مۇزىكا ئاساسىي نەزەرىيەسى بىلەن مۇزىكا ساۋاتلىرىدىن يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىپ، باشقا پەنلەردە يۈز تۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. مۇزىكا تۈرى كەسپىنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى مۇزىكا ئىلمى، مۇزىكا ئاكتىيورلۇقى، مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى نەزەرىيەسىگە تىزىملاتقانلارغا تەتبىقلىنىدىكەن.

  يېڭى ئىمتىھان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش ئىمتىھان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي، ئىنچىكە ئىمتىھان شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەنئەت ساپاسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە ماھارەتتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى سىناپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەشكىللىگەن بىرتۇتاش ئىمتىھاننىڭ پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى، ئىشەنچلىكلىكى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر