باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى شياۋ، شۈ يۈن ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئايرىم - ئايرىم 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى

2016.10.20 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، پەن - تېخنىكا مۇكاپاتلاش يىغىنىدا لى شياۋ، شۈ يۈن 2015 - يىللىق ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەم ئايرىم - ئايرىم 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  لى شياۋ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئىلىم باشلامچىسى. لى شياۋنىڭ ئاساسلىق پەن - تېخنىكا نەتىجىسى ۋە تۆھپىسى: يۈرۈشلۈك ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يۇمشاق ماتېرىيال مەھسۇلاتىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ چىقتى؛ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يۇمشاق ماتېرىيال سىناق سۇپىسى قۇردى؛ شىنجاڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇش يۇمشاق ماتېرىيالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى؛ قۇرۇلما دېتالىنى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى يۇمشاق ماتېرىيالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە تىرەك بولۇش سۇپىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ۋە تاماملىدى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە كەڭ قوللىنىلدى.

  لى شياۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون تۈردە دۆلەت ۋە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 56 تۈردە يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاتقان، 70 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، 60 تىن ئارتۇق دوكتور ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتنى تەربىيەلىگەن، «مەملىكەت بويىچە ئۇچۇر كەسپى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغار خىزمەتچى»، «ئاپتونوم رايوندا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس»، «جۇڭگو ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. شۈ يۈن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 69081 - قىسىمىنىڭ خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش - رېمونت قىلىش ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، خىزمەت قىلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئېگىزلىكتىكى چېگرا مۇداپىئە جابدۇقلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. شۈ يۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 30 تۈردە دۆلەت ۋە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا، 16 تۈردە دۆلەتنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەن، 32 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، ئىلگىرى «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى»، «باش ئىشتابنىڭ مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى»، «باش ئىشتابنىڭ پەن - تېخنىكا يېڭى يۇلتۇزى»، «ئارمىيە بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلار مۇكاپاتى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر