باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى جانلاندۇرۇپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا يېڭى سەھىپە قوشتى

2016.10.20 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كامبودژانىڭ پايتەختى پىنوم پىن، بېنگالنىڭ پايتەختى داككادىن تارتىپ ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئىستىراھەت مەنزىرگاھى گوئاغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. رەئىس شى جىنپىڭ بەش كۈنگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك 40 نەچچە پائالىيەتكە قاتناشتى، بىرقانچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بىرقانچە قېتىم مۇھىم سۆز قىلدى، بىرقانچە بىرلەشمە بايانات، خىتابنامە ۋە نەچچە ئون ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ ۋە شاھىت بولۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى.

  بۇ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەيدىغان، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان سەپەر بولدى. كامبودژا بىلەن بېنگال جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋى دوست قوشنىلىرى ۋە شېرىكلىرى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا رەھبەرلىرى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى پۇختىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە كۈچلۈك ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان ياخشى شېرىك، جانىجان مەنپەئەتى بىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇش مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى قارار قىلدى. جۇڭگو بىلەن بېنگال رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش، ئىككى تەرەپ بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، ئېنېرگىيە ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، قاتناش-تىرانسپورت، ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

  بۇ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرىدىغان، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان سەپەر بولدى. كامبودژا بىلەن بېنگال 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پائال قوللىغۇچىلىرى، قاتناشقۇچىلىرى. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى كامبودژانىڭ «تۆت بۇرجەك» ئىستراتېگىيەسى بىلەن بېنگالنىڭ «ئالتۇن بېنگال» ئارزۇسىنى يېڭى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى، «13-بەش يىللىق پىلانى» بىلەن كامبودژانىڭ «تۆت بۇرجەك» ئىستراتېگىيەسى، 2015-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان سانائەت تەرەققىيات پىلانىنى ئۈنۈملۈك ئۇلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق پىلانى پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە ياخشى يولغا قويۇشقا قوشۇلدى. بېنگال جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بېنگالنىڭ 2021-يىلى ئوتتۇرا ھال كىرىملىك دۆلەت قۇرۇپ بولۇش، 2041-يىلى تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم پۇرسەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ گوئادا «بىر بەلباغ بىر يول» ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن «بېنگال قولتۇقى ئەتراپى كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىقى تەشەببۇسى»غا ئالاقىدار پىلانلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىق ئۈمىدى بىلەن تەرەققىيات ئارزۇسى «بىر بەلباغ بىر يول»نى بويلاپ ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ جەم بولۇپ، تېخىمۇ زور ھەمكارلىق بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ھازىرلىدى.

  بۇ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئوبرازىنى ئۆستۈرىدىغان سەپەر بولدى. 10 يىل جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر قانداق قىلغاندا تېخىمۇ زور رول ئويناپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك يول تېپىپ چىقالايدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىۋېتىلگەن دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇش، تەرەققىيات پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈش، دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى بىرلىكتە قوغداش، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بەش تەكلىپ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشى، خىرىسنى پۇرسەتكە، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىنى ھەقىقىي ئىمكانىيەتلىك جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىن ئەتتى. جۇڭگو ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، كېلەر يىلى 9-ئايدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بەش دۆلەتنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات كەلگۈسىگە ئىگە قىلىدۇ.

  بىر ئاي بۇرۇن چيەنتاڭ دەرياسى بويىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يەرشارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاش قارىشىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ۋە يەرشارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسىنى خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرغان ئىدى. بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە سەپىرىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن تارتىپ ئالتۇن كېسەك سەھنىسىگىچە، ۋە يەنە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن «بېنگال قولتۇقى بويىدىكى كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق تەشەببۇسى»غا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىشىش يىغىنىغىچە، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقى، كېڭەيگەنلىكى، ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرغا نەزەر سالساق، جۇڭگو خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان بويىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن بوشاشماستىن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر