باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىككىنچى تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتە رولى بار ئىكەن

2016.10.20 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى 18- ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ھەر كۈنى مەلۇم دەرىجىدىكى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئىككىنچى تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرىستېتى ئىنىستىتۇتى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭى بىر سان گېرمانىيە «دىئابىت كېسەللىكى» ژورنىلىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: بۇ يەكۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قاتارلىق رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان 23 تۈرلۈك تەتقىقاتتىن يىغىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقاتقا چېتىلىدىغان ئوبيېكتلار بىر مىليون كىشىدىن ئاشىدۇ.

  ئەنگىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بەرگەن سالامەتلىك تەكلىپىدە، ھەر ھەپتىسى 150 مىنۇتلۇق ئوتتۇرا-يۇقىرى سىجىللىقتىكى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، مەسىلەن تېز سۈرئەتتە مېڭىش، ۋېلسىپىت مىنىش ياكى ھەرخىل تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىش لازىم، دېيىلدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، مۇشۇ تەكلىپ بويىچە چېنىققاندا، ئىككىنچى تىپلىق دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %26 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بىر ئادەم ھەر كۈنى بىر سائەت ئوتتۇرا-يۇقىرى سىجىللىقتىكى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئىككىنچى تىپلىق دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر