خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20- ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ ۋە ئورتاق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئاۋامنىڭ ئارزۇسىغا بېقىپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشى ھەم تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو - فىلىپپىن دېڭىزنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يېقىن قوشنا، ئىككى دۆلەت خەلقى ئاكا-ئۇكا قېرىنداشتۇر. جۇڭگو - فىلىپپىن ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ياردەم، ھەمكارلىق، تەرەققىيات بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز. گەرچە بىز بوران-چاپقۇننى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، قوشنىلار ئارىسىدىكى دوستانە بولغان ھېسسىيات ئاساسى ۋە ھەمكارلىشىش ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىلىپپىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھېسسىيات جەھەتتە يېقىن باغلانغان، ھەمكارلىق جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىشىدىغان، تەرەققىيات جەھەتتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىناق قوشنا، دوستانە ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى