خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20- ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى دىڭ شىشيۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى بىر-بىرىگە تۇتاشقان، بىر-بىرىگە ناھايىتى يېقىن، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەت ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش-مەن باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش. سىزنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىڭىز ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كونكرېت ھەرىكەت بولۇپ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى